خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىن چەت ئەلگە توشۇلغان ماللارنىڭ تىرانسپورت ھەققى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2020-يىلى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر تەسىرىدە، پۈتۈن دۇنيادا سودا-ئالاقە ئاستىلاپ كەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا توشۇش ئېھتىياجى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، يېقىنقى ئايلاردا ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. نۆۋەتتە تىرانسپورت توشۇش كۆرسەتكۈچى %6.84 ئۆسۈپ، بازاردا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. ئەشيا ئوبوروتىدا بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتايدىن غەربىي ئامېرىكىغا يۈك توشۇش تەننەرخى ئالدىنقى يىل بېشىغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن ئۈچ ھەسسە ئاشقان.
كۆزەتكۈچىلەر ئېكسپورتقا تايىنىپ ھەددىن ئېشىۋاتقان خىتاي ئېكسپورتىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپى بار ئىكەنلىكىنى، خىتايدىن مال زاكاز قىلغان چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ يېڭىدىن مال زاكاز قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكىنى، ھەتتا قىسمەن سودىگەرلەرنىڭ زاكاز قىلغان ماللاردىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.