تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 12171گە يەتتى (7-يانۋار)

7-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 12171گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 183 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 12171 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1370 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 194 كىشى قازا قىلىپ، 8211 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 172 مىڭ 251گە، قازا قىلغانلار 22264 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3201گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 805 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2021 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق