خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىستانبۇلدا كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى، رەئىس ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن 20 كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا ئەزا تەشكىلاتلار ئارا تەشكىلىي پىرىنسىپ، قىممەت قاراش ۋە ئومۇمىي ئىستراتېگىيە ۋە پوزىتسىيەلەر ئورتاقلىشىلدى ۋە بىرلىككە كېلىندى. يىغىندا يەنە يىللىق ھەرىكەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى.

كېڭەش يىغىنىدا يېڭى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئەزا تەشكىلات رەئىسلىرى ۋە رەئىس ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان كېڭەش ھەيئىتى، بىرلىكنىڭ ئىجرا ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتىپلىق ھەيئىتى ۋە بىرلىكنىڭ خەلق ۋە خەلقئارا ئالاقىلاردىكى ۋەكىل ۋە ئوبرازى بولغان باياناتچى بېكىتىلدى. جىددىي ئېلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەر ۋە زۆرۈر تەييارلىقلار ھەققىدە قارارلار بېكىتىلدى.

يىغىندا يەنە كۈنتەرتىپتكى تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەر»نى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا قىلىنغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىكى زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مەسلىھەت قىلىندى.

بۇ قېتىملىق كېڭەش يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەزا تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەزا تەشكىلاتلار ئارا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى نىشان قىلغان ئاساستا تۈرلۈك ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىش ۋە ھەرىكەت قىلىش، دەۋا مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت ۋە تەرەپلەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلاردا ئورتاق قارار چىقىرىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 2016-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغان سىياسىي ئورگان بولۇپ، ئەزا تەشكىلاتلىرى بىر قانچە دۆلەتتە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا.

 

بۇ خەۋەر 2603 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2021 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق