ئاقساراي خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 4-يانۋار خىتاينىڭ ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندە تارقالغانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى بولۇپ، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارلىرى تېخىمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ۋىرۇسنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلغان.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مەسىيۇ پوتىنگېر ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق يىغىندا سۆز قىلىپ: «خىتاي ۋىرۇسى ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقىلىپ كەتكەن» دېگەن.

ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بو مىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقى ياكى تاسادىپىي تارقىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئىشەنچلىك پاكىتلار كۆپ. ئەمما خىتاي بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا رەت قىلدى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2020-يىلى 73.1-نومۇرلۇق قارارىدا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىتايغا كىرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە قاچان كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ خىتايغا ماسلىشىپ، ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى كېچىكتۈرمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئون مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنى بەش ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە خىتايغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 5- يانۋار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تېدروس جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بۈگۈن بىز خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتايغا كىرىشكە تېخى رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۇق» دېگەن ۋە بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 992 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2021 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق