قوشماق تۇغقان سىياسىتىدە خىتايلارغا قانداق ۋەزىپىلەر يۈكلىنىدۇ؟

خىتاي 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن خىتايلارنى مەجبۇرىي تۇغقان قىلىپ چېتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىدىمۇ نازارەت قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن ئىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر خىتاي ئايال قوشماق تۇغقان سىياسىتىدە قانداق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. سىندىكى خىتاي ئايال ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىگە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىدە قەرەللىك يېتىپ-قوپىدىغان بولۇپ، ئۆزىگە ئايرىلغان ئائىلىنى قەرەللىك نازارەت قىلغاندىن كېيىن، خىزمەت خاتىرىسى، كۈندىلىك دوكلاتلارنى يېزىپ، بەلگىلەنگەن جەدۋەللەرنى توشقۇزىدىكەن. بۇ جەدۋەلنىڭ بەزى جايلىرىنى يەنە شۇ ئائىلىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ توشقۇزىدىغان بولۇپ، بەلگىلەنگەن جايغا ئىمزا قويۇپ ماڭىدىكەن. ۋەزىپە دوكلاتىغا يېتىپ-قوپۇۋاتقان خىتاي بىلەن ئۆي ئىگىسىنىڭ بىللە چۈشكەن تۇرمۇش سۈرەتلىرىنىمۇ چاپلاش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان سىنلار تارقالغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» خىتايلار تەرىپىدىن 24 سائەت كۆزىتىلىدىغانلىقى، بۇ سىياسەت نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چوشقا گۆشى، ھاراق قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى يەپ-ئىچىشكە زورلانغانلىقى، ئەرلىرى ۋە دادىلىرى جازا لاگېرغا قامالغان قىز-ئاياللارنىڭ يات خىتايلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 2894 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2021 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق