تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 14494گە يەتتى (5-يانۋار)

5-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 14494كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 183 مىڭ 413 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 14494 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1477 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 194 كىشى قازا قىلىپ، 8908 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 155 مىڭ 338غا، قازا قىلغانلار 21879كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3410گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە ئېغىر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى، قازا قىلغانلارنىڭمۇ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن تەدبىر ۋە چەكلىمىلەرگە داۋاملىق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 836 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2021 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق