تىرامپ خىتاينىڭ سەككىز تور سۇپىسى بىلەن سودا قىلىشنى چەكلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ 5-يانۋار مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سەككىز يۇمشاق دېتالنىڭ ئاچقۇچىلىرى ۋە كونترول قىلغۇچىلىرى بىلەن سودا قىلىشنى چەكلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سودا ۋە ئالماشتۇرۇش چەكلىمىسى قويۇلغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سۇپىلار ۋە كارخانىلار مايى گۇرۇھىنىڭ ئالىپاي (Alipay) ۋە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئۈندىدار چىقىمدانى قاتارلىق سەككىز تور سۇپىسىغا چېتىلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ يولغا قويۇشنىڭ سەۋەبى خىتاي ياساپ چىققان ۋە كونترول قىلغان ئەپلەر ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن. پىرېزىدېنت تىرامپ بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ 45 كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ھەر قانداق شەخس ۋە كاپىتالنىڭ مەزكۇر يۇمشاق دېتاللارنى ئاچقان ۋە كونترول قىلغان شىركەتلەر ۋە تارماقلىرى بىلەن سودا-ئالاقە قىلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى سودا ۋە ئالاقە قىلىشنى چەكلىگەن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتال ۋە ئەپ دېتاللىرى ئىچىدە ئالىپاي ۋە ئۈندىدار چىقىمدانىدىن باشقا، CamScanner،QQ ھەميىنى، SHAREit ،QQ ، VMate ۋە WPS ئىشخانا دېتاللىرى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2021 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق