ئۆلىمالار ھەيئىتى رەئىسىگە دوكلات...

17-فېۋرال يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ھىندونېزىيە ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھىندونېزىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.
دوكتور ئابدۇسالام 25-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ھىندونېزىيە Yogyakarta شەھىرىدىكى Al-Azhar جامەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
دوكتور ئابدۇسالام 26- ڧېۋرال ھىندونېزىيەنىڭ Riau رايونىدىكى ئۆلىمالار ھەيئىتى رەئىسى دوكتور مۇستاڧا ئۆمەرنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتتە، دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ئەقلى قوبۇل قىلمايدىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى لاگېرلاردا ئەقىدىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا لاگېر ۋە تۈرمىلەردە نۇرغۇن ئۆلىمالارنىڭ شەھىد قىلىنغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 12655 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2019 18:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق