خىتاي ئامېرىكىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى قانۇنىغا ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا يېقىندا ماقۇللىغان تىبەت ھەققىدىكى قانۇنغا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تىبەتتىكى مانېۋىرى ئامېرىكا تىبەت سىياسىتى ۋە ئۇنى قوللاش قانۇنىنى ماقۇللاپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا ماقۇللىغان قانۇندا تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى تاللاش ھوقۇقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن بولۇپ، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ سۈپەتلىگەن.

يېڭى دېھلىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئامېرىكىنى «تىبەت كوزىرى»نى ئىشلىتىشتىن ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان بولۇپ، خىتاي تىبەتتە ئامېرىكا چىقارغان قانۇننى قوللايدىغان قوزغىلاڭ چىقىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن. شۇڭا خىتاي ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ئالدىنئالا ھەرىكەت قىلىپ، قارشى پىكىردىكى تىبەتلەرنى قورقۇتماقچى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى تىبەتتە خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي قوزغىلاڭنى توختىتىش ئۈچۈن نەچچە ئون تىبەت پۇقراسىنى ئېتىپ تاشلىغان. خىتاي بۇ قېتىممۇ بۇنىڭدەك خىتايغا قارشى ئىسياننىڭ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

بۇ خەۋەر 874 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2021 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق