خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى تۈركىيەدىكى يېڭى يىللىق سىرتقا چىقىش چەكلىمىسىدىن كېيىن بۇرۇنقىدەك داۋاملاشماقتا ۋە تېخىمۇ كۆپ تاراتقۇ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
نامايىشقا قاتناشقانلار نامايىش جەريانىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ھەرخىل تىللاردا خىتاينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىشنى، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى. ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان نامايىش ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىندى.
ئالدىنقى كۈنلەردە يەنە تۈركىيەدىكى مەشھۇر دەۋەتچى مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلدى ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە بولۇش ھەققىدە تۈركىيە خەلقىگە خىتاب قىلدى. بۇلاردىن سىرت يەنە يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى بىر قىسىم ئۇستازلار ۋە باشقا جامائەت ئەربابلىرى نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ھەممەيلەننىڭ خىتايغا قارشى بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
بۈگۈن (5-يانۋار) يەنە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزتاغ نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلدى ۋە قىسقىچە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتايغا خىتاب قىلىپ، ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇۋېتىشىنى، ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقەتەن خىتاي دەۋا قىلغاندەك زۇلۇم يوق بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، خىتاي بىلەن ئىمزالىماقچى بولغان «جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش» كېلىشىمىنى ئىمزالىماسلىقى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.