شەرقىي تۈركىستاندا «خەيرلىك سەھەر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشمۇ چەكلەندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىن شەرقىي تۈركىستاندا «خەيرلىك سەھەر، خەيرلىك كەچ» دېگەندەك سۆزلەرنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

مەزكۇر سىندا مەلۇم بىر ئۈندىدار توپىنىڭ باشقۇرغۇچىسى توپتىكىلەرگە بۇندىن كېيىن «خەيرىلىك سەھەر، خەيرلىك كەچ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەكلىكىنى، بىرىنچى يانۋاردىن باشلاپ بۇنىڭ قانۇنغا كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن توپتىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا «مۇنداق بولۇشىنى تىلەيمەن» دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىقنى ئاۋازلىق ئەسكەرتكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا، ئىسلام دىنى بىلەن زەررىچىلىك ئالاقىسى بولغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى، سۆزلەرنى كۆزدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئاتالغۇلاردىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي سالام سۆزى بولغان «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىش، ئاددىي دۇئا-تىلەك سۆزلىرىنى قىلىشمۇ چەكلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 2755 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2021 16:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق