ئەلىبابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەلىبابانىڭ قۇرغۇچىسى مايۈننىڭ ئىككى ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە مايۈننىڭ ئىلگىرى دادىللىق بىلەن خىتاينى تەنقىد قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي رېجىمىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولغانلارنىڭ بىرلا كىشى ئەمەسلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇندىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، بىلوگ يازغۇچىسى جاڭ جەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى قالايمىقانچىلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي كارخانىچى رېن جىچياڭ تەسىرى كۈچلۈك بايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ 2-ئايدىكى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى سۆزىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك، 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مايۈن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىلىشتا خىتاينى تەنقىد قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ مايۈن ئاممىۋى سورۇنلاردا قايتا كۆرۈنمىگەن. ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلىبابا شىركىتىگە قاراشلىق مايى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى شى جىنپىڭ بىر قوللۇق توختاتقان بولۇپ، شىركەت بۆلۈنۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

«سودا گېزىتى» خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھازىر مايۈنگە قارشى قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىنمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 983 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2021 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق