ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي خەتەردىن مەسلىھەت بېرىش شىركىتى «ياۋرو-ئاسىيا گۇرۇھى» 4-يانۋار يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى 2021-يىلىدىكى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئون چوڭ خەتەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسى ۋە كىلىمات تېخنىكا رىقابىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك جىددىيلىكنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى كىرىزىسى داۋاملىق كۈچىيىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان بايدېن غەرب دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى جەھەتتىن خىتاي بىلەن تىركىشىدىكەن، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىك قۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زور خىراجەت ئاجرىتىشنىڭ ئورنىغا، ۋىرۇس كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سىياسىي قۇتۇپلىشىش قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. بۇ ئامېرىكا سەرخىللىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بولغان دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچى كىرىزىسى سەۋەبىدىن بايدېن ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكىدىكى يېرىمغا يېقىن كىشى بايدېننىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا، ئۇنىڭ قانۇنلۇقلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئامېرىكا سىياسىي ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈمى گۇمان ئوبيېكتىغا ئايلىنىدىكەن.
دوكلاتتا يەنە ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كەڭ تارقالغان تەسىرىنىڭ ۋاكسىنىنى ئومۇملاشقاندىن كېيىن يوقالمايدىغانلىقى، ئىقتىسادتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئېشىشى، ۋاكسىنىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانى قەرز سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشىنى ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق تېخنىكا شىركەتلىرى، رۇسىيە خاككېرلىرى ۋە ئىران، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خەتىرى تۆۋەن ئامىللار قاتارىغا تىزىلغان.