ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېڭىدىن تۈزىتىلگەن دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
خىتاينىڭ يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى» 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم «بۆلۈنۈش» ۋە «تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش»نى ئارمىيەنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە زاپاس قوشۇن تەييارلاشنىڭ ئاساسى قىلىپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «تەرەققىيات مەنپەئەتى» دېگەن سۆزگە كۆپ قېتىم ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
مەزكۇر قانۇننىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپ 2-ماددىسىدا «تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش، قوراللىق كۈچى بىلەن ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش» دېگەن سۆزلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مۇداپىئە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئارمىيەنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتكەنلىكىنى، بۇ خىتاينىڭ «تەرەققىيات مەنپەئەتى» تەھدىتكە ئۇچرىغان تەقدىردە، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇش قوزغىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇش قوزغىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.