شىجياجۇاڭدىكى بىر يېزىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى شياۋجوجۇاڭ يېزىسى 5-يانۋار ۋىرۇس خەۋپى يۇقىرى رايونغا ئۆستۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتايدا بىر يۇقىرى خەتەرلىك رايون، 48 ئوتتۇرا خەتەرلىك رايون بار ئىكەن. خېبېي ئۆلكىلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، 4-يانۋار خېبېي ئۆلكىسىدە يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈلگەن 14 بىمار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىجياجۇاڭدا 11، شىڭتەيدە ئۈچ ئىكەن. بۇلاردىن 30 كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، ھەممىسى شىجياجۇاڭدا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يۇقۇمغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىزچىل ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ، خېنەن، داليەن، خېبېي قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا ۋىرۇس تارقىلىش سەۋەبلىك جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى خىتاي ئېلان قىلغاندىن خەتەرلىك ئىكەن. خىتاي يەنە ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي كونترول قىلىش مەقسىتىدە، شېنياڭغا قوراللىق قىسىم يۆتكىگەن. نۆۋەتتە خىتايدىكى يۇقۇمنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 768 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2021 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق