تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 13695گە يەتتى (4-يانۋار)

4-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 13695كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 181 مىڭ 323 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 13695 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1508 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 197 كىشى قازا قىلىپ، 9896 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 146 مىڭ 430غا، قازا قىلغانلار 21685كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3522گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە ئېغىر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى، تەدبىرلەر ۋە چەكلىمىلەرگە داۋاملىق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2021 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق