خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى ئەڭ مۇھىم رايون بولغان پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە 3-دېكابىر كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان قوراللىق ھۇجۇمچىلار 11 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، تۆت كىشىنى يارىدار قىلدى.
كۆپلىگەن نوپۇزلۇق خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا بېرىلگەن خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماچ يېزىسىدىكى كۆمۈر كان ئىشچىلىرى بەلۇجىستان قوراللىق ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يېقىن ئەتراپتىكى تاغقا ئېلىپ چىقىلىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھۇجۇمدا 11 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
نۆۋەتتە ۋەقە ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تېخى بىر ھەپتە بۇرۇن بەلۇجىستاننىڭ خارناي رايونىدىكى كونترول پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا يەتتە پاكىستان ئەسكىرى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ھۇجۇم يۈز بەرگەن ۋىلايەتلىك مەركەز كۇئېتتانىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى مۇراد كاسنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي مىلياردلىغان دوللار قىممىتىدىكى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) تۈرىنىڭ ئاساسلىق يولى ئۈستىگە جايلاشقان ئىكەن.
ئىسلامئاباد تەرىپىدىن ھىندىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى دەپ ئەيىبلەنگەن بەلۇجىستان ئۆكتىچىلىرى يېقىندا كاراچىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە پاكىستان ئاكسىيە مەركىزىگىمۇ ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنىڭ 64 مىليارد دوللارلىق بايراقدار تۈرى بولغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى يۈك، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇش ئۈچۈن تاشيول، تۆمۈر يول ۋە تۇرۇبا تورى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى گىۋادار پورتىغا تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مول كان بايلىقىغا تولغان رايوندىكى بەلۇجىستان ئۆكتىچىلىرى خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە ۋە رايوندىكى خىتاي-پاكىستان ھەمكارلىقىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.