مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئاياللار ئۆيىگە قايتالمايدۇ

خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان يېڭى بىر سىندىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىكى خىتاينىڭ تىككۈچىلىك كارخانىسى تونۇشتۇرۇلغان.

سىندا زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىز مۇخبىرغا كارخانىنىڭ تاماق شارائىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، بۇ كارخانىدا ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ قىلغان ئىشىغا 1500 يۈەندىن 1800 يۈەنگىچە مائاش ئالىدىغانلىقىنى، ئۈچ ۋاق تامىقىنى زاۋۇتنىڭ ئاشخانىسىدا يەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. زاۋۇتقا قارايدىغان يەنە بىر خىتايمۇ بۇ يەرنىڭ شارائىتىنى ماختىغان ۋە ھازىرقىدەك ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە تەدبىرلەرگە رىئايە قىلىپ تۇرۇپ، خىزمەتنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىندىكى مەلۇماتلاردىن بۇ كارخانىدا ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ ئائىلىسىگە قايتماي، زاۋۇت ياتىقىدا يېتىپ ئىشلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇرۇن تارقالغان سىنلارغا ئوخشاش، بۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 2846 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2021 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق