خىتاينىڭ توسما پىلانى ھىندىستان بىلەن بېنگالنى ئەندىشىگە سالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھىندىستان بىلەن بېنگالدىن ئۆتىدىغان دەرياغا سالماقچى بولغان توسما پىلانى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ھىندىستان ۋە بېنگالدىن ئۆتىدىغان چوڭ دەريادا دەرىجىدىن تاشقىرى توسما ياساش پىلانى يېڭى دېھلى بىلەن بولغان سۈركىلىشنى يېڭى پەللىگە چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بېنگالنىڭ سۇ مەنبەسى بولغان دەريادىكى خىتاينىڭ بۇ توسما پىلانى بېنگال خەلقىدىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلغان.

خىتاي ئېلېكتىر قۇرۇلۇش شىركىتى نويابىردا ھىندىستان(Brahmaputra)براخماپۇترا دەپ ئاتايدىغان دەريادا غايەت زور توسما قۇرۇلۇشى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ توسما ھىندىستاندا كەلكۈن ئاپىتى ياكى سۇ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر توسما ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بولۇۋاتقان چېگراغا يېقىن جايدا ياسالسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھىمالايا تېغىدىكى تالاش-تارتىش كۈچىيىدىكەن، بۇ ھالدا خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئېرىشىدىكەن.

خىتاينىڭ پىلانغا ئاساسەن، توسما تىبەتتە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئارۇناچال پرادېش ئەتراپىدىكى دەريا ئېقىنغا يېقىن جايغا توغرا كېلىدىكەن. ئەمما خىتاي بۇ يەرنى تىبەتنىڭ جەنۇبىي دەپ بېكىتكەن. يېڭى دېھلىدىكى ئەقىل ئامبىرى مۇتەخەسسىسى جاگاننات پاندا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھىندىستان ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان دەريالارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىكى بىر تەرەپلىمە ھەرىكىتى ھەمدە سۇ ئېقىمىنى كونترول قىلىشى» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پىلان ئېلان قىلىنغان ۋاقىت دەل تالاش-تارتىشتىكى چېگرا ھەربىي سۈركىلىشى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. خىتاي سۇ مەسىلىسىنى چېگرا ماجىراسى بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلماقچى بولغان بولۇپ، ئەگەر بۇ تۈر تالاش-تارتىشتىكى چېگراغا يېقىن جايدا قۇرۇلسا، ئۇ غايەت زور قىزىل سىزىققا ئايلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى دېھلىدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى تالاش-تارتىشتىكى چېگراغا يېقىن جايدا ياسالغان توسمىنىڭ ھىندىستاننىڭ ھەربىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 910 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2021 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق