خىتاي تارىم نېفىتلىكىدىن كۈنىگە 95 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى بۇلاڭ–تالاڭ قىلماقتا

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن كۈنىگە 95 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇماقتا ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى يېقىندا تارىم نېفىتلىكىدە قارا 2، دىنار 2، كېشېن، يېڭىمەھەللە، ياقا قاتارلىق كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز رايونى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى خىتاي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى ئاساسلىق گاز مەنبە رايونى بولغان تارىم نېفىتلىكىنىڭ كۈنلۈك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 95 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشقان. خىتاي تارىمى نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ قېزىلغان تەبىئىي گاز خىتايدىكى 15 ئۆلكە، 120دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرگە توشۇلغان بولۇپ، تەخمىنەن 400 مىليون ئاھالە، 3000دىن ئارتۇق كارخانىنى گاز بىلەن تەمىنلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2020-يىلى، تارىم نېفىتلىكىنى چارلاش، ئېچىشنى جىددىي كۈچەيتكەن بولۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا 6 مىليون 20 مىڭ توننا نېفىت، 31 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز، 30 مىليون 800 مىڭ توننا نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان. 30 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك ۋە 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ تەبىئىي گاز رايونى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، خىتاينى نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسى بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك زاپاس رايون قىلىۋېلىنغان.

بۇ خەۋەر 2568 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق