تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 9877 گە يەتتى

3-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 9877 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 138 مىڭ 941 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 9877 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1515 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 193 كىشى قازا قىلىپ، 10102 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 136 مىڭ 534 قا، قازا قىلغانلار 21488 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3612 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا تەدبىر ۋە چەكلىمە نەتىجىسىدە نورمال يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئېغىر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن تۆۋەنلىگەنلىكىنى، داۋاملىق مۇشۇ ھالەتنى ساقلاشقا تىرىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 726 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2021 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق