خىتاي ساياھەت رايونى ئارقىلىق خىتايلارنى كۆچۈپ كېلىشكە قىزىقتۇرماقتا

ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ساياھەت رايونلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە قىزىقتۇرۇشقا باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇن مەنزىرىلىك جايلارنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئىبادەت سورۇنلىرىنى، مەسچىتلەرنى ۋە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ساياھەت رايونىغا ئۆزگەرتكەن. يېڭى يىل بايرىمى مەزگىلىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ قانىلى» نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلارنى ئەۋەتىپ، ھەر خىل مەنزىرىلىك جايلارنى زىيارەت قىلىپ، نەق مەيدان زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە قىزىقتۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە، 2020-يىلىدىلا 400دىن ئارتۇق ساياھەت نۇقتىسى قۇرۇپ چىققان. شۇنداقلا 2021-يىلىمۇ ساياھەت ئورۇنلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 2755 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2021 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق