خىتاي ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ بايقالغان ۋۇخەن شەھىرىدە31-دېكابىر كېچىسى يېڭى يىل تەبرىكلەندى.
پۈتۈن دۇنيا خەلقى دېگۈدەك خىتاي ۋىرۇسى ساراسىمىسى سەۋەبلىك سىرتقا چىقالماي، ئۆيلىرىگە قامىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، جۈملىدىن تۈركىيەمۇ يېڭى يىلدىكى يىغىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى يولغا قويغان بىر مەزگىلدە، خىتاي ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ تارقالغان ۋۇخەن شەھىرىدە مىڭلىغان خىتاي ئاھالىسى شەھەر مەيدانىغا توپلىشىپ، تەتۈر ساناق بىلەن يېڭى يىلنى تەبرىكلىگەن.
2020-يىلى يىل بېشىدا باشلانغان خىتاي ۋىرۇسى ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ، ئىنسانىيەتكە نۇرغۇنلىغان ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانلارنى ئىلىپ كەلدى. دۇنيا خەلقى ۋىرۇس سەۋەبلىك ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى بولغان ۋۇخەن شەھىرىدىكى يېڭى يىل تەبرىكلىگەن كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.