بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى مۇستافا دەستىجى بۈگۈن تىۋېتتېر ھېساباتىدا كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئالپئەرەنلەر بار تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قىزىل خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېدى.
مۇستافا ئەپەندى باياناتىدا: «بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز تۈركىستاندۇر، ئاتا يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقانلار بىزنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىمىز. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ھېچكىم زالىم، تاجاۋۇزچى قىزىل خىتايغا قايتۇرالمايدۇ. ھەتتا مەجلىسىمىزگە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىمۇ بېرىلمەيدۇ. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ئالپئەرەنلىرى بار مەجلىستە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسى تەستىقتىن ئۆتەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرنىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىم ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا خىتايغا قارشى كەسكىن مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىپ كەلمەكتە.