ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيەدە تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يېڭى تۈرى خىتايدا تۇنجى قېتىم بايقالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ۋىرۇسىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن بولغان ساياھەت ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە باشلىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېنى ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەسلىدىكى ۋىرۇسقا قارىغاندا %40-%70 يۇقىرى ئىكەن. مەزكۇر ئۆزگەرگەن ۋىرۇس خىتاينىڭ لياۋنىڭدا پەيدا بولغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ ئەنگلىيەدىن كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تەتقىقاتچىلار 12-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ يېڭى ۋىرۇس تەركىبىدىكى گېن تەرتىپىنى سىناق قىلىپ، بۇنىڭ دەل ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان گېنى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىش كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىنقى ھەپتە خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنى قەرەلسىز توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي سەھىيە كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، 30-دېكابىر يېڭىدىن 25 كىشى يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 16سى سىرتتىن كەلگەن يۇقۇملانغۇچى ئىكەن. يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بولسا بېيجىڭ، لياۋنىڭ ۋە خېيلۇڭجياڭدا كۆرۈلگەن.