كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى بىر تۈركۈم قىشلىق لازىمەتلىكلەرنى تارقاتتى

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 29-دېكابىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قىشلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىك تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى بۇ قېتىم ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە 100 تال يۇڭ ئەدىيال، 100 تال شارپا ۋە پەلەي، 100 يەشىك يېمەكلىك تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقىمىزگە تېخىمۇ ئەتراپلىق خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە، خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ھەمدە ۋەقفىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 2598 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2021 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق