تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 12203 گە يەتتى

1-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 12203گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 158 مىڭ 103 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 12203 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1908 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 212 كىشى قازا قىلىپ، 14110 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 114 مىڭ 760قا، قازا قىلغانلار 21093كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3891گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە: نورمال يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئېغىر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، قازا قىلغانلارنىڭ سانىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىدى، دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 790 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2021 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق