خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تېررور سىياسىتى يۇقىرى پەللىگە چىقتى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى خەۋىرىدە خىتاينىڭ رەسمىي ھۆججەت ۋە تەشۋىقاتلىرىدا «مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى پىلانىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نىشانلىق ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى چېكىدىن ئېشىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇپ چىققان لاگېر ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى باشقا مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشتا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

ئىگىلىنىشچە، خىتاينىڭ بۇ خىل مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتى خىتايدىن باشقا مىللەت رايونلىرىدا بارغانسېرى كېڭىيىشكە ۋە كۈچىيىشكە باشلىغان. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىگە، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا تايانغان.

خەۋەردە 2016-يىلدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلىغان يېڭى ساقچى پونكىتى قۇرۇپ، نەچچە مىليارد دوللارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتقانلىقى، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندا لاگېر ۋە تۇتقۇن قىلىش ئەسلىھەلىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پائالىيىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە نازارەت قىلغانلىقى ۋە چەكلىگەنلىكى، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى بولسا «يالغان توقۇلما»دېگەن سۆزلەر بىلەن رەت قىلىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە ئىچكى موڭغۇلىيەدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن تېررور سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، موڭغۇل تىلىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتايچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان. خىتاينىڭ پىلانى يەرلىك موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىچكى موڭغۇلىيەدە بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويغان. موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دەرسلىكلەر دەرسلىك تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇ موڭغۇللارنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن.

بۇ خەۋەر 3162 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2021 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق