خىتاي ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە قاتتىق توسقۇنلۇق قىلماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن بىرگە، ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى مەخپىي تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەرىكەتكە شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى «شەپەرەڭ ئۆڭكۈرى»نى تەكشۈرمەكچى بولغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار شەپەرەڭ ئۆڭكۈرگە تۇتىشىدىغان يولنى توسۇۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنى قاتتىق كونترول قىلىشتىن سىرت، ۋىرۇس چەتئەلدىن خىتايغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن ئىچكى ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى مەخپىي ئىزدەشكە بۇيرۇغان بولۇپ، ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەتقىقاتلارنى قاتتىق كونترول قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي يەنە شەپەرەڭنىڭ ئۇۋىسىدا ۋىرۇس ئىزدەۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىدىكى ئەۋرىشكىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان.

ب ب س نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ مۇخبىرى يۈننەننىڭ تۇڭگۈەن بازىرىدىكى تاشلىۋېتىلگەن مىس كېنىنى تەكشۈرگىلى بارغاندا، پۇقراچە كىيىم كىيگەن كىشىلەر ئۇلارنى توسۇۋالغان. فىرانسىيە خەلقئارا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كان قۇدۇقى دەل خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋۇخەن ۋىرۇس ئىنستىتۇتى ئەۋرىشكە ئالغان كان ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ يۈننەندىكى بىر كاندا ھازىر تارقىلىۋاتقان ۋىرۇسقا ئەڭ يېقىن ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرىدىغان شەپەرەڭلەر بار ئىكەن. شۇڭا بۇ رايون تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىككى كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يېقىندا بۇ رايوننى زىيارەت قىلغان شەپەرەڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەۋرىشكە توپلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەۋرىشكە خىتاي تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ ئايدا خىتايغا بېرىپ، ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەنى تەكشۈرىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ شەپەرەڭ ئۆڭكۈرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشىمۇ تېخى نامەلۇم ئىكەن.

بۇ خەۋەر 994 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2021 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق