ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، كوممۇنىستلاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملاشماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى تېڭىش ئۈچۈن قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان، ئوخشاش فورما ۋە ئەتلەس كۆينەك كىيگەن بىر تۈركۈم ئەر-ئاياللارنىڭ مەسئۇل خىتاينىڭ باشچىلىقىدا خىتاي كومپارتىيەسىنى، ماۋزېدۇڭنى مەدھىيەلەپ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا ياشىنىپ قالغان موماي بىلەن نەۋرىسىنىڭ قولىدا خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا بولسا مەلۇم زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوخشاش كىيىم كىيىپ، خىتاينى مەدھىيەلەيدىغان ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قىزىل ناخشا ئېيتقۇزۇش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قوللانغان ئاساسلىق مېڭە يۇيۇش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بارلىق ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلەرنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا.

 

بۇ خەۋەر 3197 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2021 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق