خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنى ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش نامىدا تەشۋىق قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي يېقىنقى كۈنلەردە ئۆز تاراتقۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي خەۋەر تورى يېقىندا تارقاتقان بىر ۋىدىيولۇق خەۋەردە قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى مەلۇم تىككۈچىلىك زاۋۇتىنىڭ تەپسىلاتى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ زاۋۇتتىمۇ ئوخشاشلا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى، ھازىر 1200 ئىشچى بارلىقى، ئىشقا كىرگەنلەرنىڭ قىلغان ئىشىغا قارىتا 800 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە مائاش ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە بۇ زاۋۇتتا تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ ياپونىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقى، زاۋۇت كۆلىمىنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى، 4000دىن 5000غىچە ئىشچى ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە ئەكېلىش پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىندا تارقالغان سىنلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايال كىشى بولۇپ، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 4148 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2021 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق