ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يېڭى مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، مەلۇماتتا خىتاينىڭ دۆلەتسىز قوراللىق كۈچلەرگە پۇل بېرىپ، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ياكى مۇكاپاتلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئافغانىستاندىكى دۆلەتسىز قوراللىق تەشكىلاتلارنى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان. ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ تالىبان ياكى ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
بۇ مەلۇماتنى ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبىراين پىرېزىدېنت تىرامپقا يەتكۈزگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلانغان.
خەۋەردە يەنە بۇندىن بۇرۇن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، تالىبانلارنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.