ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان سودا كېلىشىمى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرى خەلقئارادا، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشى «ئۆز ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچتى» دەپ تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا-خىتاي ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئاقسارايدىكى مۇھىم دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى، مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مەت پوتىنگېرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن پىرىنسىپال مەيدانىدا مۇرەسسە قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ئالمىشىش ھارپىسىدا ئالدىراپ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىشى ئامېرىكىنىڭ ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلىغىنىڭ خىتاي پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى، يېڭى توك ئاپتوموبىلى، بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش كەسپىگە كىرىشىدىكى توسالغۇلارنى تازىلاپ، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن تېخىمۇ ئادىل رىقابەتلىشىشىگە شارائىت ھازىرلاش ئىكەن.

كېلىشىمدە يەنە خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلانغان. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، خىتاي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئاساسىي ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ۋەدىسى قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى رېينخارد بۈتىكوفېر (Reinhard Bütikofer) سەيشەنبە كەچتىكى باياناتىدا: «بۇ سودا كېلىشىمى ياۋروپا ئىتتىپاقى سادىر قىلغان ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق» دېگەن.

بۇ خەۋەر 916 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2021 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق