31-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 14380گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 178 مىڭ 217 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 14380 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2219 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 239 كىشى قازا قىلىپ، 22021 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 100 مىڭ 650كە، قازا قىلغانلار 20881گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3918گە يەتكەن.
تۈركىيەدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە يېڭى يىل يېتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، يېڭىدىن قارار قىلىنغان ئۈچ كۈنلۈك سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنماقتا.