فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرى پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىغا بىنائەن خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ 7-يانۋاردىن باشلاپ نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تىرامپ 12-نويابىر مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن. مالىيە مىنىستىرلىكى بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ خىتاي پاي كونتروللۇقىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي فوندى ۋە تارماق شىركەتلىرىگە، شۇنداقلا خىتاي ئارمىيەسى كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ئىمزالىغان «چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىق قانۇنى»دا يەنە ئەگەر خىتاي شىركەتلىرى ئۈچ يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ بوغالتىرلىق تەپتىش ئۆلچىمىگە توشمىسا، ئۇلارنىڭ نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. گەرچە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ نىشانى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان بارلىق چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىقى خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلغان.
خىتاي سودا مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەدبىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.