خىتاينىڭ نېپال سىياسىي كىرىزىسىغا ئارىلىشىشى خەلقئارادا دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ نېپالدىكى سىياسىي كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نېپالدىكى سىياسىي كىرىزىس 20-دېكابىر يۈز بەرگەن بولۇپ، نېپال باش مىنىستىرى شارما ئولى تۇيۇقسىز پارلامېنتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، پارلامېنت سايلىمىغا قايتا چاقىرىق قىلغان. كېيىن پىرېزىدېنت بىديا دېۋى باندارى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئولىنىڭ بۇ ئالاھىدە قارارنى چىقىرىشىغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ 100 گە يېقىن ئەزاسىنىڭ ئولىنى باش مىنىستىرلىكتىن ئېلىپ تاشلاپ، نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسىنى باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلەش تەكلىپىنى سۇنۇشى سەۋەب بولغان. نېپالدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار 2018-يىلى ھاسىل قىلغان ئورتاق پىكىر بويىچە، ئىككى گۇرۇھنىڭ رەھبەرلىرى نۆۋەت بىلەن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نېپال سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى خىتاينىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان. ئولى كابىنېتتىكى يەتتە مىنىستىر ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، بۇ سىياسىي توقۇنۇش پۇقرالارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، باش مىنىستىرنىڭ سۈرىتىنى كۆيدۈرۈپ نامايىش قىلغان.

خىتايغا نىسبەتەن نېپالدىكى سىياسىي قالايمىقانچىلىق شى جىنپىڭ قوزغىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا مۆلچەرلىگۈسىز زەربە بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، خىتاي يېقىنقى يىللاردا نېپالغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغان. نېپالدا سىياسىي كىرىزىس يۈز بېرىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو يېجوۋ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، مۇرەسسە قىلىشنى، كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان. گو يېجوۋ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 27-دېكابىر كاتماندۇغا كەلگەندىن كېيىن، نېپالدىكى ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلار ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن دەرھال سۆھبەت باشلىغان. ئۇلار شۇ كۈنى پىرېزىدېنت باندارى ۋە ئولى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ 2019-يىلى ئۆكتەبىردە نېپالدىكى زىيارىتى جەريانىدا، پورت، تاشيول، تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇم، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا كېلىشكەن. خىتاينىڭ نېپالغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى بىر مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

بۇ خەۋەر 920 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2021 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق