مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغۇچى خىتاي: كىيىملەرنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىمىز

بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

مەزكۇر سىندا زاۋۇتنىڭ خىتاي خوجايىنى بۇ زاۋۇتتا 200 دىن كۆپ ئايالنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى، زاۋۇت قۇرۇلغىلى ئىككى يېرىم يىل بولغانلىقىنى ۋە بۇ زاۋۇتتا تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىنغا ئاساسلانغاندا، بۇ زاۋۇتتا كەسپىي فورمىلار تىكىلىدىغان بولۇپ، ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىر قىسمى 2014-يىلىدىن تارتىپ باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئەرلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، تۆۋەن مائاش بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولسا، يەنە بىر قىسىم قىز-ئاياللار جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى سەۋەبلىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە.

بۇ خەۋەر 2865 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2020 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق