خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇش ۋەقەسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان بىر سىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەزكۇر سىندا بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى توختىماي ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ چېچىدىن تارتىپ، توختىماي كاچاتلىغان ۋە تەپكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋەقە 21-دېكابىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، تاياق يېگەن ئۇيغۇر بالا تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. بۇ ۋەقەنى سىنىپتىكى بىر ئوقۇغۇچى يوشۇرۇن سىنغا ئېلىۋالغان.

مەزكۇر سىن خىتاينىڭ مىكرو بىلوگدا كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، يېزىلغان ئىنكاسلاردا بىرەيلەن خوشنىسىنىڭ باشلانغۇچ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان قىزىنىڭمۇ خىتاي مۇئەللىمى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ، قۇلىقىدىن قان چىقىپ كەتكەنلىكىنى، كېيىن ئاتا-ئانىسى قىزنى داۋالىتىپ ئازراق ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى، ئەمما قىز مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىكى كۈنلىرىدە ئىشلىيەلمىگەن تاپشۇرۇقى سەۋەبلىك مۇئەللىمى ئۇنىڭ چۈشلۈك تاماق يېيىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، ئۇمۇ يەتمىگەندەك قىزنى تازىلىق قىلدۇرغانلىقى سەۋەبلىك قۇلىقى ئېغىر ياللۇغلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە تاياق يېگەن قۇلىقىنىڭ ئاڭلىماس بولۇپ قالغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ھېچنېمە قىلالمىغانلىقىنى يازغان.

مەزكۇر سىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى باشتا بۇ سىننىڭ يالغان ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بۇ جىنايەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

ئەمما بۇ ۋەقە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، پەيزىۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. باياناتتا دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر خىتاي ئوقۇتقۇچىغا قانۇنىي تەدبىر قوللىنىلغانلىقىنى، تاياق يېگەن ئوقۇغۇچىنىڭ قۇلىقى يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 3226 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2020 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق