قازاقىستاندىن ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىشىچە، خىتاي قازاقىستاندا بارغانسېرى ھەددىن ئېشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشقا باشلىغان.
قازاقىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ئېلىنغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار قازاقىستاندىكى مەلۇم بىر ئىش ئورنىدا قازاقلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغان. ئەتراپتا قاراپ تۇرغان قازاق ئىشچىلارمۇ ئارىغا چۈشۈشكە پېتىنالمىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «خىتايغا نىسبەتەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر قۇشخانىدىكى قويلاردەك بولۇپ قالدى. خالىسا ئۇرىدۇ، خالىسا كەمسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتكە شىكايەت قىلساق، شىكايىتىمىزنى ئاڭلىغىلى ئادەم تاپقىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە قازاقىستاندىكى خىتاي كۆپ شەھەرلەردە، بولۇپمۇ خىتاي قۇرغان زاۋۇت-كارخانىلاردا قازاقلارنى كەمسىتىدىغان، ئۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىشكە باشلىغان.
يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتايلار تۈرلۈك يازمىلىرى، تۈركىي مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان كەمسىتىش قىلمىشلىرى ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن شەپە بېرىشكە باشلىغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي تور بەتلىرىدە «قازاقلار نېمە ئۈچۈن ۋەتەن قوينىغا قايتمايدۇ» دېگەندەك يازمىلار قازاقىستاندا بىر مەزگىل غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.