تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 15692 گە يەتتى

30-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 15692گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 184 مىڭ 415 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 15692 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2612 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 254 كىشى قازا قىلىپ، 20192 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 78 مىڭ 629غا، قازا قىلغانلار 20642گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 4098 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە ئېغىر ۋە نورمال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى، قازا قىلغانلار سانىنىڭمۇ تۆۋەنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە تەدبىرلەرگە داۋاملىق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2020 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق