خىتاي باش كونسۇلى ۋاكسىنىنىڭ خىتايدا چەكلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

مىللىيەت گېزىتىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى سۈي ۋېي خىتاي تۈركىيەگە ساتقان ۋاكسىنىنىڭ خىتايدا چەكلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سۈي ۋېي تۈركىيەنىڭ بىر نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، تۈركىيە بۇيرۇتقان خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ تېخى 3-سىناق باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋاكسىنىنىڭ خىتايدا ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۈي ۋېي سۆزىدە: «3-باسقۇچلۇق ۋاكسىنىنى ئىشلىتىش قانۇنىي جەھەتتىن تېخى رۇخسەت قىلىنمىدى، شۇڭا بۇ ۋاكسىنا خىتايدىمۇ ئىشلىتىلمىدى. ئەمما خىتايدا مەلۇم قانۇنىي رەسمىيەتلەردىن كېيىن، 3-باسقۇچتىكى ۋاكسىنىلارنىڭ ئىنتايىن چەكلىك رايونلاردىكى جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1415 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2020 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق