تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى 30-دېكابىر «خىتاي-تۈركىيە جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا قىسقىچە ئىزاھات بەرگەن.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى جاۋابىدا: «تۈركىيە 2017-يىلى خىتاي بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان. ئەمما تۈركىيە پارلامېنتى بۇ كېلىشىمنى تېخى تەستىقلىغىنى يوق. تۈركىيە نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى ياكى ئەدلىيە ھەمكارلىقى جەھەتتە كېلىشىم تۈزدى. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمىنى "تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ" دەپ ئىزاھلاش توغرا ئەمەس. خىتاي ھازىرغىچە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگىنى يوق. بىز بۇ مەسىلىدە تېررورچىلار بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى، تېررورلۇقنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدۇق. بىز خىتايغا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ كەلدۇق. بۇ خىل كېلىشىم ھەممە دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىم ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلمىغان، جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئادەتتىكى كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېلىشىمنى تەستىقلاش پارلامېنتنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

بۇ خەۋەر 1590 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2020 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق