شەرقىي تۈركىستاندىكى 135 جازا لاگېرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن زاۋۇت قۇرۇلغان

ئامېرىكىنىڭ بازفىد (Buzz Feed) تورىنىڭ 29-دېكابىردىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا يۈزلىگەن زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنى بۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاينىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرى، لاگېر تۇتقۇنلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلار، سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى 135 جازا لاگېرىنىڭ ئەتراپىغا چوڭ زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشتە، قۇرۇلغان زاۋۇتلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 19 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ يەنە ئۇ يەردە زاۋۇت قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، زاۋۇتلارنىڭ كۆپىنچىسى 2018-يىلى سېلىنغان بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلگەن ھەر بىر لاگېردىكى تىك تۆت بۇلۇڭلۇق، ئۇزۇن، كۆك ئۆگزە ۋە پولات قۇرۇلمىلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇندىن بۇرۇن چوڭ چوڭ خەۋەر قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ لاگېرنىڭ يېنىدىكى زاۋۇتلاردا كىيىم-كېچەك، تېخنىكا بۇيۇملىرى قاتارلىقل نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلانغانلىقى، نۇرغۇن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، 9-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قارشى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقى، ئەمما تەمىنلەش زەنجىرى خىتايدا بولغان نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئالما ۋە نايك قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 2936 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2020 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق