شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللار ئاساس قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەك داۋاملاشماقتا

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى خىتاينىڭ تىككۈچىلىك زاۋۇتى ۋە رېزىنكە زاۋۇتلىرىدا ياش ۋە ئوتتۇرا ياشتىن تەركىب تاپقان قىز-ئاياللارنىڭ كېچە-كۈندۈز دېمەستىن ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا قورۇدا تىزىلىپ تۇرغان ئاياللارغا خىتاي باشقۇرغۇچىلارنىڭ داس ۋە لۆڭگە تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ئىزچىل ھالدا ئۆز جىنايىتىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يۇقىرىقىدەك سىنلار مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ، بولۇپمۇ ئائىلە تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 2959 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2020 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق