29-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 15805كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 183 مىڭ 117 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 15805 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2783 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 253 كىشى قازا قىلىپ، 21004 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 58 مىڭ 437 گە، قازا قىلغانلار 20388 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 4191 گە يەتكەن.
فاھرەتتىن كوجا يەنە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئازىيىشقا باشلىغانلىقىنى، تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ۋاكسىنا تەييار بولۇشتىن بۇرۇن تەدبىرلەرگە داۋاملىق رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.