بىر ھەپتىدىن بېرى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ نامايىشى بۈگۈن ئىككىنچى ھەپتىگە قەدەم قويدى.
نامايىشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن نومۇسسىزلارچە يېزىلغان تەلەپ خېتى چىققان ئىدى ۋە ياشلار بۇ تەلەپ خېتىنى يىرتىپ تاشلىغان ئىدى.
بىز ياشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش مەقسىتىدە ئۇلارنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن كەچ سائەت ئالتىگىچە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ سەككىزىنچى كۈنىگە قەدەم قويغانلىقىنى، ھەركۈنى 20گە يېقىن ياشنىڭ ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ياكى خىتاي تەرىپىدىن جازا لاگېرىغا، تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى تۇتۇپ، نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلار ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن توردىن دەرس ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن نامايىش قىلغان، خىزمەت قىلىۋاتقانلار بولسا خىزمىتىنى تاشلاپ كەلگەن. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر پائالىيىتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن ئىيى پارتىيە ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ياشلارنى زىيارەت قىلىپ، پارتىيە نامىدىن ياشلارنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتقان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى، پىروفېسسور، دوكتور ئابدۇجېلىل قارلۇق قاتارلىقلار ياشلارنى قوللاش يۈزىسىدىن كونسۇلخانا ئالدىغا كېلىپ نامايىشقا قېتىلغان.
بۈگۈن يەنە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ئانا خەۋەر، فەتىھTV، ئاكىتTV قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات قاناللىرى ۋە ياپونىيە، فىرانسىيە مۇخبىرلىرى ياشلارنى زىيارەت قىلغان.