تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ تاموژنىسىدا كۆرۈلگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن تاموژنا پائالىيەتلرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى، شۇڭا ۋاكسىنىلارنىڭ خىتايدىن تۈركىيەگە كېلىشىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 254 كىشى قازا قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 19 مىڭ 878 گە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 172 مىڭ 113 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە يېڭىدىن 14205 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاندى. نۆۋەتتە 2806 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 21 مىڭ 196 كىشىنى قوشقاندا، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 15 مىڭ 30 غا يەتتى.
سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا يەنە، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەندەك گېن ئۆزگىرىشىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى.