25 -دېكابىر تۈركىيە مىللىي گېزىت تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ماسكا ۋە توقۇمچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خىتاي باشقا تۆت خىتاي تەرىپىدىن تۈركىيەدىكى شېرىكلىرىنى ئالداپ تارتىۋېلىش باھانىسى بىلەن كۈپكۈندۈزدە تۇتقۇن قىلغان. بىخەتەرلىك كامىراسىغا چۈشۈپ قالغان كۆرۈنۈشلەردىن كېيىن ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي «H.W » نى قۇتقۇزۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقە 25 -دېكابىر چۈشتە ئىستانبۇل شىشلى مەجىدىيە كۆي ئورتاقلار كوچىسىدا يۈز بەرگەن. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا توقۇمچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان « H.W » خىتاي ۋىرۇسى ئوتتۇرغا چىققاندىن كىيىن ماسكا تىجارىتى قىلىشقا باشلىغان. تۈركىيەدىن ئالغان ماسكىلارنى خىتايغا ئاپىرىپ ساتقان « H.W » شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 ئەتراپىدا ماسكا ئېلىپ سېتىۋاتقان شىركەتكە بېرىپ، يەنە ماسكا بۇيرۇتقاندىن كېيىن قايتىش ئۈچۈن شىركەت ئىشىكىدىن چىقىشقا تەمشەلگەندە « H.W » باشقا ئۈچ خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرى ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ، شىركەت ئالدىغا توختىتىلغان مىنبوسقا بېسىلىپ ئېلىپ كېتىلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن « H.W » بىلەن سودىلاشقان شىركەت مەسئۇللىرى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى دۇككاندارلارنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشى بىلەن شىشلى رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ نومۇر تاختىسى ئارقىلىق ئىز قوغلاش سىستېمسى بىلەن « H.W »نىڭ ئورنىنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرغان ۋە ئۇنى تۇتقۇن قىلغان تۆت خىتاينى قولغا ئالغان.
« H.W »نى تۇتقۇن قىلغان تۆت خىتاي ساقچىغا ئۇنىڭ خېرىدارىنى تارتىۋالغانلىقى، بۇ سەۋەپتىن ئۇنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار ئەھۋالنى خىتاي كونسولخانىسىغا يەتكۈزگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.