سىنا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 27- دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ بەلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق پانجگۇر رايونىدا موتوسىكلىتلىق بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھۇجۇم ۋەقەسى ئىككى مەكتەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى تەنتەربىيە مەيدانى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بومبا مۇسابىقىگە كەلگەنلەر مۇسابىقىدىن قايتىۋاتقان بىر پەيتتە پارتلىغان.
ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمدا ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، سەككىز ئادەم يارىلانغان. پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىغان. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈشى داۋاملاشماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەلۇچىستان خىتاينىڭ [بىر بەلباغ، بىر يول] سودا پىلانىدىكى مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، يەرلىك خەلق خىتاينىڭ يول ياساپ تەبىئىي مۇھىتنى بۇزۇش قىلمىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. مەزكۇر ھۇجۇمنى خىتايغا قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.