شەرقىي تۈركىستاندا كىيمە چاچ ياساش زاۋۇتى قۇرۇلدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان رەسىملىك سىنلار تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرى گۇما ناھىيىسىگە كىيمە چاچ ياساش زاۋۇتى قۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

يېقىنقى يىللاردا جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرىغا قامىۋالغان تاجاۋۇزچى خىتاي جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچلىرىنى كېسىۋېلىپ، ئاشۇ چاچلار ئارقىلىق ئىقتىسادى كىرىم ياراتماقتا. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچلىرى ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ كىرىم قىلىش مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

بۇندىن بۇرۇن بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەر ۋە جازا لاگېرى شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەقىقەتەن بۇ خىلدىكى خورلۇققا قالغانلىقىنى ئېنىقلاپ بەرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 3517 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2020 20:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق